ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە

سۈرىيەنىڭ غەربىدىكى لازىقىيە پورتىغا ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1753826
ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە خەۋەر ئاگېنتلىقى «SANA» نىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، ئىسرائىلىيە يەرلىك ۋاقتى 03:21 دە لازىقىيە پورتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.

خەۋەردە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكى، پورتتىكى نۇرغۇنلىغان سودا كونتېيېنېرلىرىغا ئوت كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىلگىرىمۇ سۈرىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ئادەتتە كەچتە ياكى يېرىم كچىدە يۈز بېرىدۇ.

ئىسرائىلىيە سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2011-يىلدىن بېرى پات-پات ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارغا ۋە ھاكىمىيەتكە تەچۋە ھەربىي نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر