ۋاگنېر مالىغا 500 ياللانما ئەسكەر يوللىدى

رۇسىيەنىڭ ۋاگنېر ناملىق ياللانما ئەسكەرلىرى گۇرۇپپىسى مالىغا 500 ئەسكەر ئەۋەتتى.

1752507
ۋاگنېر مالىغا 500 ياللانما ئەسكەر يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇس تاراتقۇلىرى، رۇس ياللانما ئەسكەرلەر گۇرۇپپىسى  ۋاگنېرنىڭ 500 ئەسكىرىنىڭ تۈنۈگۈن مالىنىڭ پايتەختى باماكوغا يېتىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مالى دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

غەرب دۆلەتلىرى بىرلەشمە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاگنېر گۇرۇپپىسىنىڭ مالىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى؛ باياناتتا ، مالىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ غەربىي ئافرىقانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ: «سىجىل تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئېرىشىش، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە مالى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قوللاشنى ۋەدە قىلغان خەلقئارالىق بىرلەشمە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مالى زېمىنلىرىغا ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر