مالايشىيادىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى

مالايشىيادا قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 27 گە ئۆرلىدى.

1751206
مالايشىيادىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېلانگور قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەر كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى، يۈزلىگەن كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇشنى كۈتۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مالايشىيا پىرېزىدېنتى ئىسمائىل ياقۇپ كەلكۈن ئاپىتىدە سەل قاراشنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە جاۋابكارلىقنىڭ فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەردىمۇ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى فۇزىيا ساللاھ جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىنتايىن قايغۇلۇق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنى نوپۇسى زىچ رايونلاردىكى سۇ چىقىرىش سىستېمىسىنى ياخشىلاش چاقىرىقىغا پەرۋا قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مېتېرولوگىيە ئىدارىسى مەسئۇللىرى يامغۇرنىڭ دۆلەتتە 2-ئايغىچە داۋاملىشىشىنىڭ مۆلچەرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر