ياپونىيە مودېرنا ۋاكسىناسى ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى

ياپونىيەدە مودېرنا شىركىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تولۇقلىغۇچى شىشە ۋاكسىنا ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسى تەستىقلاندى.

1748441
ياپونىيە مودېرنا ۋاكسىناسى ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياپونىيە سەھىيە، ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق مىنستىرلىقىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتى، مودېرنانىڭ تولۇقلىغۇچى شىشە ۋاكسىناسىنى ئەملەشكە رۇخسەت قىلدى.

تولۇقلىغۇچى شىشەنىڭ سەھىيە خىزمەتچىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا 18 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىدىكىلەر 2022-يىلى يانۋاردىن باشلاپ ئەملىنىشكە باشلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

مودېرنا ۋاكسىناسىنى ياپونىيەدە سېتىشقا ۋە تارقىتىشقا مەسئۇل تاكېدا شىركىتى ئۆتكەن ئاي (2021-يىلى نويابىر) ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىنانىڭ ئەملىنىشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان ئىدى.

ئۆتكەن ئاي فايزېرنىڭ تولۇقلىغۇچى شىشە ۋاكسىناسى ئۈچۈن تەستىق چىققان ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن، ياپونىيەدە تولۇقلىغۇچى شىشە ئەملىنىدىغان ۋاكسىنا سانى ئىككىگە چىقتى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىنىڭ 2- ۋە 3- شىشەلىرىنىڭ ئەملىنىش ۋاقتىنى ئالتە ئايغا چۈشۈرۈشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر