خوڭكوڭدا  غايەت زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

خوڭكوڭنىڭ  دۇنيا سودا مەركىزىدە يۈز بەرگەن چوڭ ئوت ئاپىتىدە 160 كىشى قاپسېلىپ قالدى.

1747704
خوڭكوڭدا  غايەت زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭدىكى سودا مەركىزىدە باشلانغان ئوت ئاپىتى تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۈچىنچى دەرىجىگە كۆتۈرۈلدى.

خوڭكوڭدا  ئوت ئاپىتىنىڭ دەرىجىلىرى بىردىن بەشكىچە دەرىجىلەندۈرۈلىدۇ.

سودا مەركىزى ۋە ئىشخانا مۇنارى سۈپىتىدە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان بىناغا 160 كىشىنىڭ قاپسېلىپ قالغانلىقى ئېلان قىلىندى.

5-قەۋەتتە 60 كىشى، 39-قەۋەتتە 100 دىن ئارتۇق كىشى قاپسېلىپ قالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىنادا قاپسېلىپ قالغانلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشماقتا.

بىر ساقچى باياناتچىسى بىنانىڭ ئارقا پەلەمپەيلىرىنىڭ قويۇق ئىس-تۈتەك بىلەن تولغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر