رۇسىيەدە ماناستىردا پارتلاش يۈز بەردى
رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى بىر ماناستىردا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 1 ئادەم قازا قىلدى، 12 ئادەم يارىلاندى.
1746782
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سېرپوھوۋ شەھىرىدىكى بىر ماناستىردا پارتلاش يۈز بەرگەن، 18 ياشلىق بىر ياشنىڭ پارتلاتقۇچنى ماناسىترغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا، پارتلاشقا سەۋەب بولغان كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 7 سى بالا بولۇپ، 12 كىشى يارىلانغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋەقەنى «قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش» ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا تەكشۈرمەكتە ئىكەن.