جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى كىرىل رامافوسا كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملاندى

جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا، كىرىل رامافوسانىڭ كوۋىد-19 سىناق نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقى ھەمبەھىرلەندى.

1746496
جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى كىرىل رامافوسا كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت كىرىل رامافوسادا يېنىك دەرىجىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالغانلىقى، جەنۇبى ئافرىقا ھەربىي سەھىيە مۇلازىمەت ئورگىنى تەرىپىدىن كېپتوۋن شەھىرىدە كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رامافوسا بۇ ھەپتە بارلىق ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت داۋىد مابۇزاغا تاپشۇرۇپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر