نىگېرىيەدە جامەگە قىلىنغان ھۇجۇم نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

نىگېرىيەنىڭ نىگېر ئۆلكىسىدە بىر جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1745937
نىگېرىيەدە جامەگە قىلىنغان ھۇجۇم نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سىياسىي كومىسسارى بالا مونداي كۇرياسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موتسىكلىتلىق قوراللىق ئۇنسۇرلار، ئۆلكىنىڭ ماشېگۇ رايونىنىڭ بائارې يېزىسىدا ناماز ئوقۇش ئۈچۈن جامەدە توپلانغان كىشىلەرنى ئوققا تۇتقان، ھۇجۇمدا 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان، ۋەقەدىن كېيىن رايونغا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئەۋەتىلگەن، ھەمدە ۋەقە تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغان.

قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ، 25 – ئۆكتەبىر كۈنى نىگېر ئۆلكىسىگە قاراشلىق مازا – كۇكا رايونىدا بىر جامەگە ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

دۆلەتتە يېقىندىن بۇيان قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ موتسىكلىتلىق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن، بەزى ئۆلكىلەردە موتوسىكلىت ئىشلىتىش چەكلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر