كارىب دېڭىزىدا ئىككى كۆچمەن كېمىسى سوقۇشۇپ كېتىپ 7 كىشى قازا قىلدى

كارىب دېڭىزىدىكى تۇركاس ۋە كايكوس ئارىلىغا قاراپ يولغا چىققان كۆچمەنلەر بىلەن لىق ئىككى كېمىنىڭ سوقۇلۇشى نەتىجىسىدە، 7 كىشى دېڭىزدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلدى.

1741750
كارىب دېڭىزىدا ئىككى كۆچمەن كېمىسى سوقۇشۇپ كېتىپ 7 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايوندىكى يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇركۇس ۋە كايكوسنىڭ غەربىي شىمالىدىكى پروۋىندېنسېلېس ئارىلىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى كېمەنىڭ قاتتىق سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

دائىرىلەر، دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن 64 كۆچمەننىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، ئەمما 7 كىشىنىڭ تۇنجۇقۇپ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ھايتىلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ساقچىلار قېچىشقا ئۇرۇنغان 16 كۆچمەننى نازارەتكە ئالدى.

ھايتىلىقلار دۆلەتتىكى ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ناچارلىقى ۋە بىخەتەرلىك كىرىزىسى سەۋەبىدىن ئۇزۇندىن بۇيان رايوندىكى باي ئاراللارغا كۆچۈپ كېتىشكە تىرىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر