دونباستا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى ئۆلدى

رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونىدا تۈنۈگۈن ئوق چىقىرىپ، بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

1741919
دونباستا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن بۆلگۈنچىلەرنىڭ تۆت قېتىم ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دونباسنىڭ شۇمى، مارىنكا، ئاۋدىۋىيكا ۋە نوۋوترويستكى رايونلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى، ھۇجۇملار جەريانىدا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۈگۈن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلمىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر