تۈرك دوختۇر ئامېرىكادا پالاتا ئەزالىقىغا نامزات بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكادا ياشايدىغان تېگى تۈرك يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى پىروفېسسور دوكتور مەھمەت ئۆز جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن كېڭەش پالاتاسى نامزاتى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1741172
تۈرك دوختۇر ئامېرىكادا پالاتا ئەزالىقىغا نامزات بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى نامزاتى بولۇپ رىقابەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان 61 ياشلىق دوختۇر ئۆز،  «Washington Examiner» دا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن سىياسەت ساھەسىگە قەدەم بېسىشقا قارار قىلغانلىقى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىپ: «ھۆكۈمىتىمىزگە ۋە بىر – بىرىمىزگە ئاچچىقلاندۇق، بىز كىرىزىسنى ئىلگىرىكى ئەۋلادلارغا ئوخشاش ئۈنۈملۈك باشقۇرالمىدۇق. يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) يۇقۇمى مەزگىلىدە، سىياسەت بىلەن داۋالاش ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەندە، ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئورنىغا سىياسەتنىڭ قارشىمىزغا چىققانلىقىنى كۆردۈم. شۇڭلاشقا مەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ۋە ياخشىلىنىشىمىزغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىقى ئۈچۈن نامزات بولىمەن» دېدى.

ئامېرىكادا يۇقۇم سەۋەبىدىن 750 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئۆلۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئۆز، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ يولغا قويغان تەدبىرلىرىنى «ئامېرىكا يۇقۇمنى يېڭىشتا دۇنياۋى باشلامچى بولۇشى كېرەك ئىدى» دەپ تەنقىدلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر