سومالىدا  يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەششەباب ئۆز ئۈستىگە ئالدى

سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا يۈز بەرگەن ۋە 8 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

1738719
سومالىدا  يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەششەباب ئۆز ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئارقىلىق قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر ھۇجۇمدا، پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 23 كىشى يارىلانغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا ئائىت دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ئەششەباب، سومالىدا دائىم دېگۈدەك دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر