سومالىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1738520
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 23 كىشى يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا ئائىت دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ئەششەباب، سومالىدا دائىم دېگۈدەك دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىدىكەن.