سېربىيە راكىتا زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى

سېربييەنىڭ پايتەختى بېلگرادتا راكىتا ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 2 ئىشچى قازا قىلدى.

1737910
سېربىيە راكىتا زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زاۋۇتتا ئارقىمۇ ئارقىدىن پارتلاشلار يۈز بەردى. ئىس - تۈتەكلەر شەھەرنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى قاپلىدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا نۇرغۇن ساندا ساقچى ۋە ئۆت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يوللاندى.

ۋەقەدە 2 ئىشچى قازا قىلىپ 16 ئىشچى يارىدار بولدى. پارتلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.  

يەنە باشقا پارتلاشلارنىڭمۇ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى سەۋەبىدىن زاۋۇتنىڭ ئەتراپى بىخەتەرلىك چەمبىرىكى ئاستىغا ئېلىندى.

زاۋۇتنىڭ 260 كىۋادرات مېتىرلىق ئىسكىلاتىدا، ئىچىگە 30 كېلو پارتلاتقۇچ ئورنىتىلغان 500 دىن ئارتۇق راكىتانىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر