دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن ياۋروپاغا قورقۇنچلۇق ئاگاھلاندۇرۇش

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپادا كوۋىد-19 بىمارلىرىنىڭ تېز كۆپىيىشى بىلەن كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە 700 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1737952
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن ياۋروپاغا قورقۇنچلۇق ئاگاھلاندۇرۇش

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپانىڭ يۇقۇمنىڭ چاڭگىلىدا ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇنداق داۋاملاشقان تەقدىردە ياۋروپادا قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 2 مىليون 200 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، 2022-يىلى 31-مارتقىچە 53 دۆلەتنىڭ 49 ىدىكى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش مۇلازىمىتىدە «ئىنتايىن» ياكى «ھەددىدىن زىيادە» زىچلىق يۈز بېرىشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دېلتا ۋارىيانتىنىڭ تەسىرى بىلەن بىرگە چەكلىمىلەرنى بوشىتىش ۋە ئىجتىمائىي ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ئازىيىشى تۈپەيلىدىن ياۋروپادىكى يۇقۇملىنىش نىسبىتىدە ئېشىش مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، كوۋىد -19 دىن قازا قىلغانلار سىنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا كۈندىلىك 2100  كىشىگە يېتىپ، 2 ھەسسە ئاشقان ۋە كۈنىگە 4200 كىشىگە ئۆرلىگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر