سىرىلانكادا پاراخوت چۆكۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى
سىرىلانكانىڭ شەرقىدە بىر پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 6 ئادەم قازا قىلدى.
1737392
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىرىلانكا دېڭىز ئارمىيەسى باياناتچىسى ئىندىكا دې سىلۋا، كۇرىنچاكېنى رايونىدىن دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى كىننىيا دېڭىز ساھىللىرىغا كېتىۋاتقان پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى، قازادا كەم دېگەندە 6 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 12 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، پاراخوتتىكى كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.