يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇراسى نوپۇس زىچلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش نىسبىتىنىڭ 1983-يىلدىن باشلاپ ئۈچ ھەسسە ئاشقانلىقى ۋە بۇنىڭ نوپۇس زىچلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

1733055
يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇراسى نوپۇس زىچلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP) - ئا پنىڭ ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نوپۇس ۋە تېمپېراتۇرا مۆلچەرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلغاندا، 1983-يىلدىن 2016-يىلغىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرانىڭ تەسىرىگە ئۇچراشنىڭ ئۈچ ھەسسە كۆپەيگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان.

يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ تەسىرىدە كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرانىڭ ئۆرلەپ خەتەرلىك ھالغا كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان تەھلىلىدە، يۇقىرى تېمپېراتۇرانىڭ كىشىلەردە تېرە سويۇلۇش، پەي تارتىشىش ۋە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلگەنلىكى تەكىتلەندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تەييارلىغان سانلىق مەلۇمات تەتقىقاتلىرىدا، دۇنيادىكى 13 مىڭ 115 شەھەر مەركىزى تېمپېراتۇراسىنىڭ ئۆلچەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ يېرىمىدا دېگۈدەك تېمپېراتۇرانىڭ ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تېمپېراتۇرا ئۆرلىشىنىڭ ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئاسىيادا ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن تەتقىقاتتا، تېمپېراتۇرا ئۆرلەش بىلەن نوپۇس زىچلىقى ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

تەتقىقاتتا، ئوخشاش رايونغا جايلاشقان باڭلادىشنىڭ داككا شەھىرى نوپۇسىنىڭ 1983-يىلى 7 مىليون 700 مىڭدىن 2016-يىلى 24 مىليونغا كۆپەيگەنلىكى، بىر يىل ئىچىدىكى تېمپېراتۇراسى يۇقىرى كۈنلەر سانىنىڭ ھەر يىلى 1.5 كۈن ئاشقانلىقى تەكىتلەندى.

تەتقىقاتتا، «دۇنيانىڭ تېمپېراتۇراسىنى سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلارنىڭ سەۋىيەسىگە (1.5 سېلسىيە گرادۇس) چۈشۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى مەزكۇر سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ توغرا قارار چىقىرالايدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر