ئافغانىستاندا جامەدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارخار ئۆلكىسىنىڭ سىپىن گار رايونىدىكى بىر جامەدە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئادەم قازا قىلدى، 15 ئادەم يارىلاندى.
1733195
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سپىن گار ناھىيەسىدىكى تىرىلەي جامەسىدە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا پارتلاش مەيدانغا كەلگەن، پارتلاشتا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2 كىشى قازا قىلغان، 15 كىشى يارىلانغان بولۇپ، بەزى يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بومبا جامەنىڭ مۇنبىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغاندىن كېيىن پارتلىتىلغان بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.