ياۋروپادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەر ئاشتى
ياۋروپادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەرنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇنقىغا قارىغاندا %10، ۋەقەلەرنىڭ بولسا %7 كۆپەيگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەپتىلىك دوكلاتىدا، دۇنياغا ۋە رايونلارغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.
دوكلاتتا، دۇنيا مىقياسىدا 2021-يىلى 1-نويابىردىن 7-نويابىرغىچە بولغان مەزگىلدە، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردە %1 ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى ۋە 3.1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى قەيت قىلىندى.
دوكلاتتا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادا 1-نويابىردىن 7-نويابىرغىچە بولغان ھەپتىدە ئىلگىرىكى ھەپتىگە سېلىشتۇرغاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردە %7، ئۆلۈملەردە %10 ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى، باشقا رايونلاردا ئازىيىۋاتقانلىقىنى ياكى مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
دۇنيا مىقياسىدا بولسا، ئىلگىرىكى ھەپتىگە سېلىشتۇرغاندا %4 تۆۋەنلەپ، 48 مىڭدىن ئارتۇق ئۆلۈمنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.