ئېفىيوپىيەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 22 خادىمى قولغا ئېلىندى
ئېفىيوپىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 22 يەرلىك خادىمى قولغا ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجارىچ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قولغا ئېلىنغانلاردىن 6 نەپىرىنىڭ كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
دۇجارىك ب د ت خادىملىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەنلىكىنى، 16 نەپەر ب د ت خادىمنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ تۇتقۇن قىلىشلارنىڭ ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى باش كاتىپى مارتىن گىرىفتىسنىڭ ئېفىيوپىيەگە قىلغان 4 كۈنلۈك زىيارىتىدىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرىمۇ 7 نەپەر ب د ت خادىمىنى ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەپ «ياختۇرۇلمايدىغان كىشى» ئېلان قىلغان ئىدى.
ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئېفىيوپىيەنىڭ ب د ت خادىملىرىنى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىشىنىڭ قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتى تىگراي خەلق ئازادلىق فرونتى (TPLF) نىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن 2-نويابىردا جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ۋە ئەددىس ئاباباغا قارىتىلغان ھۇجۇملارغا قارشى مۇداپىئە خىزمەت ئەترىتى قۇرغان ئىدى.