نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن ساقچى ئۆلدى
نىگېرىيەنىڭ زامفارا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 7 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1731907
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زامفارا ئۆلكىسىدە خىزمەتتىن قايتىپ كېلىۋاتقان ساقچىلار، گۇساۋ-ماگامى-دانساداۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدىكى زوناي يېزىسىدا، قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
ھۇجۇمدا، 7 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان.
زامفارا ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد شېخۇ، ۋەقە توغرۇلۇق تېخىچە بايانات ئېلان قىلمىغان.