نىگېرىيەدە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىلا 1 مىليون كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

نىگېرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىقلار سەۋەبىدىن بىر يىلدا 1 مىليون كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.

1732079
نىگېرىيەدە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىلا 1 مىليون كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاناھلانغۇچىلار، كۆچمەنلەر ۋە يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغانلار كومىسسارلىقى (NCFRMI) باشلىقى ئىمان سۇلايمان ئىبراھىم دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىقلار سەۋەبىدىن 12 ئاي ئىچىدە 1 مىليون كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇلايمان ئىبراھىم ھەر قايسى رايونلاردىكى سەرگەردانلارنىڭ لاگېر ۋە ئەتراپىدىكى مەكتەپلەردە پاناھلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قوشنا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

سۇلايمان ئىبراھىم نىگېرىيەدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن كرىزىس سەۋەبىدىن كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئۆتكەن بىر يىلدىلا 1 مىليون كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى كىشىنى چۆچۈتىدۇ» دېدى.

سۇلايمان ئىبراھىم ھۆكۈمەت باشلىغان قايتىدىن شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى لايىھەسى دائىرىسىدە، بۇ ئۆي - ماكانسىز كىشىلەرگە يېمەكلىك ۋە ئاساسلىق لازىمەتلىكلەرنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر