ئىران ئامېرىكانىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى توسۇپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران ئەرەب دېڭىزىدىكى ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ RQ4 ۋە MQ-9 تىپلىق ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى توسۇپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1731241
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، ئىران ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ مېكران دېڭىز ساھىلىدا زۇلپىقار -1400 نامىدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، مانېۋىر جەريانىدا ئىراننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ RQ4 ۋە MQ-9 تىپلىق ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ توسۇلۇپ ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىران ئارمىيەسىنىڭ مانېۋىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.