تۈركىيە ۋە 11 دۆلەت غەززەگە سەھىيە جەھەتتىن ياردەم قىلدى

تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 دۆلەتنىڭ ياردىمى ئاستىدا سەھىيە ساھەسىگە ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە غەززەگە 27 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئەۋەتىلدى.

1731251
تۈركىيە ۋە 11 دۆلەت غەززەگە سەھىيە جەھەتتىن ياردەم قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب دۇنياسى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، 2009 – يىلى نويابىردىن بۇيان غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان « Miles of Smiles» نىڭ يېتەكچىلىكىدە، 12 دۆلەت ياردەم قىلغان 27 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، «‹رەفاھ› چېگرا ئېغىزى» دىن ئۆتتى.

ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى ئابدۇللاھ ئەلھەججار، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدا تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، يېڭى زېلاندىيە، كانادا، ھىندونېزىيە ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ بارلىقىنى، ئىيوردانىيە تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن 10 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭمۇ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە غەززەگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ غەززەنىڭ سەھىيە ساھەسىدىكى يۈكىنى يەڭگىللىتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ كىرىزىس پەيتلىرىدە پۇقرالارغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت ئىشلەشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى .

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىغا 10 – ماي كۈنى قوزغىغان ھۇجۇملىرى، ھاماس بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، 21 – ماي كۈنى ئاخىرلاشقان، ھۇجۇملاردا 24 ساغلاملىق مەركىزى زىيانغا ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر