ھىندىستاندا زىكا ۋىرۇسى بايقالدى

ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادەش ئىشتاتىدىكى كانپۇر شەھىرىدە 89 كىشىدە زىكا ۋىرۇسى بايقالدى.

1731326
ھىندىستاندا زىكا ۋىرۇسى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانپۇردىكى سەھىيە خادىمى دوختۇر نېپال سىنگ رايوندا زىكا ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 89 كىشىدە زىكا ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 17 كىچىك بالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن خادىملارنىڭ تەشكىللەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇتتار پرادەش ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى يوگى ئادىتۋاناس ۋىرۇسنىڭ شەھەردە تېز تارقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەسئۇللارغا تازىلىق خىزمەتلىرىنى تېزلەشتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

رايوندىكى سەھىيە مەسئۇللىرى كانپۇر شەھىرىدە زىكا ۋىرۇسىنىڭ 23-ئۆكتەبىر (2021) دە بايقالغانلىقىنى ۋە شۇ كۈندىن تارتىپ تېز تارقالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

زىكا ۋىرۇسى كىشىلەرگە <<Aedes aegypti>> تۈرىدىكى پاشانىڭ چېقىشى سەۋەبىدىن يۇقىدۇ.

ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدىغان، قىزىتما، كۆز قىزىرىش، قۇسۇش، ھۆتەل، باش، موسكۇل ۋە بوغۇم ئاغرىسى بولغان كېسەللىكلەرنىڭ، مەخسۇس داۋالاش ئۇسۇلى ياكى ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا يوق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر