ئىراق باش مىنىستىرى: «ئۆيىمىزگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ كىملىكىنى ئوبدان بىلىمىز»

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلكازىمى قوراللىق ئۇقۇچىسىز ئايروپىلان (SİHA) بىلەن ئۆيىگە ھۇجۇم قىلغان كىشىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1730573
ئىراق باش مىنىستىرى: «ئۆيىمىزگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ كىملىكىنى ئوبدان بىلىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلكازىمى باغداتتا مىنىستىرلار كېڭىشىنى پەۋقۇلئاددە كۈن تەرتىپ بىلەن يىغىنغا چاقىردى ۋە سۆزىدە: « جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئىزىنى قوغلايمىز، بىز ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز، پات يېقىندا ئاشكارىلايمىز» دېدى.

پايتەخت باغدادنىڭ يېشىل رايون ئەتراپى ۋە باشقا بىر قىسىم نۇقتىلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىپ، ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى كۆرۈلدى.

باغداتتىكى يېشىل رايوندا تۇرۇشلۇق ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلكازىمىنىڭ ئۆيى تۈنۈگۈن ئەتىگەندە قوراللىق ئۇقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىرانغا يېقىن شىئە قوراللىق ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر