ئالجىرىيە بىلەن ئىتالىيە ئۈچ مۇھىم كېلىشىم ئىمزالىدى

ئالجىرىيە بىلەن ئىتالىيە مائارىپ، ئادالەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش  مەسىلىسىدە ئۈچ كېلىشىم ئىمزالىدى.

1730309
ئالجىرىيە بىلەن ئىتالىيە ئۈچ مۇھىم كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە پىرېزىدېنتى سېرگىيو ماتتارېللانىڭ ئالجىرىيەگە قىلغان 2 كۈنلۈك زىيارىتى دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەدەملەر تاشلاندى.

ئالجىرىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «APS» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماتتارېللانىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە ئىمزالانغان تۇنجى كېلىشىم پايتەخت ئالجىرىيەدە خەلقئارالىق ئىتالىيە مەكتىپىنىڭ ئېچىلىشى بولغان. بۇ كېلىشىمگە ئالجىرىيە تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رامتانې لامامرا ۋە ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇئىگى دى مايو ئىمزا قويغان.

تەرەپلەر يەنە، ئالجىرىيە ئەدلىيە مەكتىپى بىلەن ئىتالىيە ئەدلىيە مەكتىپىنىڭ قېرىنداش مەكتەپ بولىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كېلىشىم ئىمزالاش ئارقىلىق ئالجىرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىپازا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق مەدەنىيەت مىراسلارنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئالىي مەكتەپلىرى بىلەن رىمدىكى مەركىزى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنستىتۇتى ئوتتۇرىسىدىمۇ ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەن.

ماتتارېللانىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە، ئالجىرىيەلىك مەنسەپدىشى ئابدۇلمەجىد تېببۇندىن باشقا يەنە پارلامېنتنىڭ تۆۋەن ۋە يۇقىرى قاناتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقى ھەمدە دېڭىز ساھىلى شەھىرى ئاننابانى زىيارەت قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر