فىرانسىيە قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىسى يولغا قويدى

فىرانسىيە دائىرىلىرى، دېھقانلارغا ئۆي قۇشلىرىنى قۇمىلىرىدىن چىقارماسلىق توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

1729932
فىرانسىيە قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىسى يولغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە دائىرىلىرى، كۆچمەن قۇشلارنىڭ قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىش خەۋىپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، دېھقانلارغا ئۆي قۇشلىرىنى قۇمىلىرىدىن چىقارماسلىق توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە گوللاندىيەدىكى بىر ئۆي قۇشلىرى فېرمىسىدا يۇقۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان H5 قۇش زۇكىمى بايقالغان ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە 36 مىڭ قۇش بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ھەرىكەتكە ئۆتتى.

كۆچمەن قۇشلار لىنىيەلىرىدىكى يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىنى نەزەردە تۇتقان فىرانسىيە ھۆكۈمىتى، يۇقۇمنىڭ خەتەر دەرىجىسىنى «يۇقىرى» دەپ كۆرسىتىپ، ئۆي قۇشلىرىنى سىرتقا چىقىرىشنى چەكلىدى.

ھۆكۈمەت ئاۋغۇستتىن بۇيان ياۋروپا مىقياسىدا ياۋا قۇشلار ۋە باقمىچىلىق رايونلىرىدىكى ئۆي قۇشلىرىدا بولۇپ، جەمئىي 130 ئايرىم قۇش زۇكىمى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھازىرغا قەدەر فىرانسىيەدىكى كەسپىي ئۆي قۇشلىرى فېرمىلىرىدا ھېچقانداق قۇش زۇكىمى ئەھۋالى بايقالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر