ياپونىيەدە پويىزدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ جىنايەتچىسىنىڭ يېڭى باياناتلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى

ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودىكى بىر پويىز لىنىيىسىدە ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇم ھەققىدە يېڭى تەپسىلاتلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

1728308
ياپونىيەدە پويىزدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ جىنايەتچىسىنىڭ يېڭى باياناتلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يولۇچىلارغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ۋاگونغا ئوت قويۇپ بەرگەن ۋە 17 ئادەمنى يارىلاندۇرغان 24 ياشلىق جىنايەت گۇماندارى كيوتا خاتتورىنىڭ باياناتىدا، ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئادەم ئۆلتۈرۈشنى خالىغانلىقىنى، شۇڭا مەملىكەتنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھىرى توكيونى تاللىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خاتتورىنىڭ: «مەن توكيودا نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىمنى ئويلىدىم. سىنتەبىردە ئۈچ يىلدىن بېرى ئىشلەۋاتقان شىركەتتىن ۋە يۇرتۇم فۇكۇئوكادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كوبى ۋە ناگويادىكى مېھمانخانىلاردا قالدىم ئاندىن توكيوغا كەلدىم» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

يەكشەنبە كۈنى توكيودىكى كەيكو لىنىيىسىدە پويىزغا چىققان ھۇجۇمچى قولىدىكى پىچاق بىلەن يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغان ۋە كۆيدۈرگۈچ ماددىلارنى ۋاگۇنغا تۆكۈپ، ئوت قويۇپ بېرىشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

ھۇجۇمدا 1 كىشى ئېغىر، جەمئىي 17 كىشى يارىلانغان ئىدى.

ھۇجۇم جەريانىدا يېشىل ۋە بىنەپشە رەڭلىك كاستيۇم-بۇرۇلكا كىيگەن جىنايەت گۇماندارى تۇنجى باياناتىدا، ئۆزىنىڭ «شەپەرەڭ پالۋان» ناملىق فىلىمدىكى ناچار پىشۇناز «جوكېر»نىڭ ھەۋەسكارى ئىكەنلىكىنى ۋە ھۇجۇمدىمۇ «جوكېر»دىن ئىلھام ئالغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر