ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئېغىزى ئېچىلدى

ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سپىن بولداك چېگرا ئېغىزىنىڭ پىيادىلەر بىلەن سودا ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۆتۈشىگە ئېچىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1728266
ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئېغىزى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستاننىڭ قەندىھار ۋىلايىتى سپىن بولداك بازىرى بىلەن پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ چەمەن شەھىرى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئېغىزى بىر ئاي تاقاق تۇرغاندىن كېيىن قايتا ئېچىلغان.

پاكىستاننىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەنسۇر ئەھمەد خان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، سپىن بولداك چېگرا ئېغىزىنىڭ پىيادىلەر ۋە سودا ئاپتوموبىللىرىغا ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 31- دېكابىرغىچە ئافغانىستان خەلقىدىن ۋىزا ھەققى ئالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر چېگرا ئېغىزىدىن (شۇ يەر ۋاقتى) 08:00 دىن 16:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا ھەر ئىككى تەرەپكە ئۆتۈشنىڭ مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ بىرى بولغان سپىن بولداك بىلەن تورخام چېگرا ئېغىزلىرى 8-ئايدىن باشلاپ پاكىستان ۋە تالىبانلار تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم تاقىلىپ، قايتىدىن ئېچىلغانىدى.

چېگرا رايونلىرىدىكى ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا پات – پات يۈز بېرىپ تۈرىدىغان جىددىيلىكنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر