لىۋان سەئۇدى ئەرەبىستاننى قاتتىق ئەيىبلىدى

لىۋان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىپلوماتىك ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە ھىزبۇللانىڭمۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1727365
لىۋان سەئۇدى ئەرەبىستاننى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا بۇھابىب لىۋاندا تۇرۇشلۇق ئەل-جەدىد تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 4 دۆلەت بىلەن يۈز بەرگەن دىپلوماتىك كرىزىس ئۈستىدە توختالدى.

بۇھابىب لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىقاتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەزكۇر كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كرىزىس ئۈستىلى قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «كرىزىس ئۈستىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى، چۈنكى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار تۈپەيلىدىن كرىزىس مىنىستىرلىقلاردىنمۇ ۋە لىۋاندىنمۇ چوڭ ھالغا كېلىپ قالدى» دېدى.

بۇھابىب سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كرىزىسقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلەپ، «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چۈشىنىشكە بولمايدىغان قاتتىق پوزىتسىيىسى بار، ھەر قانداق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە دىئالوگ ئارقىلىق ھەل بولىدۇ، بىزنىڭ قىلغىنىمىزمۇ دىئالوگ» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرخاننىڭ «ھىزبۇللانىڭ لىۋان سىياسىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى» دېگەن باياناتى ئۈستىدىمۇ توختالغان بۇھابىب: «سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا شۇنى دەيمەنكى، ھىزبۇللاھ بۇ دۆلەتنىڭ يادرولۇق تەركىبلىرىنىڭ بىرسى، ئەمما ئۇ لىۋاننىڭ ھەممىسى ئەمەس، ئۇ لىۋانغىمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ»دېدى.

لىۋان ئۇچۇر- ئالاقە مىنىستىرى جورج كارداھىنىڭ يەمەن ھەققىدە رىياد ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن باياناتىدىن كېيىن، بەھرەين 29-ئۆكتەبىردە كۇۋەيت ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولسا 30-ئۆكتەبىردە لىۋاندىكى باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر