كىشىدا ياپونىيە -ASEAN باشلىقلار يىغىنىدا رايون ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى

ياپونىيە «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى - تىنچ ئوكيان» تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى — ASEAN بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى.

1726187
كىشىدا ياپونىيە -ASEAN باشلىقلار يىغىنىدا رايون ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيە - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رايون مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بىلەن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ ۋەزىپىگە ئۆتىگەن 2012 - يىلىدىن 17 - يىلىغىچە بولغان جەرياندا، ياپونىيەنىڭ رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىنى بايان قىلغان كىشىدا، 2023 - يىلىنىڭ ياپونىيە - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دوستلۇقىنىڭ 50 – خاتىرە يىلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ قېتىم باش ۋەزىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىپ، <ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى - تىنچ ئوكيان> تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچەپ تىرىشىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پيوڭياڭنىڭ تەھدىت خاراكتېرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى، خىتاينىڭ رايون دېڭىز تەۋەلىكىدىكى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كىشىدا، شىمالىي كورېيە گۆرۈگە ئېلىۋالغان ياپونىيە پۇقرالىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رايون دۆلەتلىرىنىڭ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ياپونىيەنىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەشتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى 16 مىليون قۇتىدىن ئارتۇق ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، ھەمدە «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئەھۋاللار ۋە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان كېسەللىكلەر مەركىزى» گە 48 مىليون دوللار ئىئانە قىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر