خىتاي بىلەن پاكىستان خەلقئارا جەمئىيەتنى ئافغانىستانغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى

پاكىستان بىلەن خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئافغانىستاندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرىق قىلدى.

1725152
خىتاي بىلەن پاكىستان خەلقئارا جەمئىيەتنى ئافغانىستانغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىككى رەھبەر تېلېفون سۆھبىتىدە ئافغانىستان قاتارلىق رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردىن باشقا يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا  مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئىمران خان بىلەن شى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئافغانىستاندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەلقنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلغان.

ئىككى رەھبەر يەنە، ئۆز دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشقا قوشۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر