گېرمانىيە ساقچىلىرى چېگرا رايونىغا بارغان ئاشقۇن ئوڭچىل گۇرۇپپىلارغا مۇداخىلە قىلدى

گېرمانىيەدە ساقچىلار پولشا چېگراسىدىن ئۆتكەن پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رايونغا بارغان رادىكال ئوڭچىل گۇرۇپپىلارغا مۇداخىلە قىلدى.

1724449
گېرمانىيە ساقچىلىرى چېگرا رايونىغا بارغان ئاشقۇن ئوڭچىل گۇرۇپپىلارغا مۇداخىلە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇرۇپپىنىڭ قوراللىرى مۇسادىرە قىلىندى ۋە رايوندىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

مۇسادىرە قىلىنغان قوراللارنىڭ ئىچىدە تاپانچا، كاساتۇرا، پىچاق، كۆپ ساندا كالتەك ۋە مۇچ گازى قاتارلىق بار.

«رادىكال ئوڭچىل گۇرۇپپىنىڭ يېڭى ناتسىستلار ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار» دەپ قارالماقتا.

رايوندا ئاۋغۇستتا كۆچمەنلەرنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى ئاشقان ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا ئاشقۇن ئوڭچىل گۇرۇپپىلار قوللىغۇچىلىرىنى رايونغا چاقىرىپ، پاناھلانغۇچىلارنىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر