ئامېرىكا ئابدۇلھەمىد ئەلمەتارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

ئەلقائىدە تەشكىلاتى كاتىباشلىرىدىن ئابدۇلھەمىد ئەلمەتارنىڭ سۈرىيەنىڭ تەل ئابياد ناھىيەسى سۇلۇك بازىرىغا يېقىن جايدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1723785
ئامېرىكا ئابدۇلھەمىد ئەلمەتارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قىسىملار قوماندانلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئابدۇلھەمىد ئەلمەتارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن: «MQ-9 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا قولىمىزدا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا خەۋپ پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ئەلقائىدە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش، تاشقى تەشكىلاتلار بىلەن ماسلىشىش ۋە سىرتتا ۋەقە پەيدا قىلىشنى پىلانلاش ئۈچۈن بىخەتەر پاناھلىنىش ئورنى قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئەلقائىدە يەنە، سۈرىيەدىن سۈرىيە، ئىراق ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان تەھدىتلەرنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە پايدىلانماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر