ئەرەب پارلامېنتى ماكروننى ئەيىبلىدى

ئەرەب پارلامېنتى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئالجىرىيەگە مۇناسىۋەتلىك باياناتلىرىنى ئەيىبلەپ، مەسئۇلىيەتسىزلارچە بېرىلگەن بۇ باياناتلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1722797
ئەرەب پارلامېنتى ماكروننى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب پارلامېنتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئالجىرىيە ۋە ئۆتمۈشىنى نىشان قىلىپ بايانات ئېلان  قىلغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ماكروننىڭ  مەسئۇلىيەتسىزلارچە بەرگەن بۇ باياناتلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ««ئەرەب پارلامېنتى،  مىليونلىغان گۇۋاھچىلارنىڭ قېنى بىلەن يېزىلغان  ئالجىرىيە ۋە رەھبەرلىكىنىڭ كىملىكى، تارىخىي مىراسلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر خىل سۇيىئىستېمالغا قارشى  داۋاملىق ئالجىرىيەنى قوللايدۇ.»

ئالجىرىيە دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق تەلەپ قىلىنغان باياناتتا، ئەرەب پارلامېنتىنىڭ، «ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمېجىد تەببۇننىڭ رەھبەرلىكىدە، ئالجىرىيەنىڭ ئۈمىد ئۈمىد چىرىغى ياندۇرۇۋاتقان دېموكراتىيىلىشىش يولىنى» قوللايدىغانلىقى قايتا تەكىتلەندى.

2 – ئۆكتەبىر كۈنى، «لې موندې» گېزىتىدە،  فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ، ئالجىرىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تارىخىنى فىرانسىيەگە بولغان ئۆچمەنلىك ئۈستىگە قۇرغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر