شىمالىي كورېيە ئامېرىكانىڭ سەمىمىيلىكىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پيوڭياڭنىڭ ئەڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى قايتا تەكىتلىشىدىن كېيىن ۋاشىنگىتوننىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەلىپىنىڭ سەمىمىيلىكىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
پيوڭياڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش شىمالىي كورېيەنىڭ قورال سىنىقىنىڭمۇ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى دۈشمەنلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈش ۋە «قوش ئۆلچەم» قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى.
شىمالىي كورېيە 15- سېنتەبىر قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى، 28- سېنتەبىر شىمالىي كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى «يېڭى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان سۈرئىتى ئاۋازدىن تېز» دەپ ئاتىغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلغانىدى.
شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە پيوڭياڭنىڭ يادرو پىروگراممىسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.