خىتايدىكى پارتلاشتا 3 كىشى ئۆلۈپ، 30 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى

خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە تەبىئىي گاز پارتىلاپ، كەم دېگەندە 3 كىشى ئۆلدى.

1722976
خىتايدىكى پارتلاشتا 3 كىشى ئۆلۈپ، 30 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى شىنياڭدا بىر رېستوراندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 30 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

ئەتىگەندە يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن، رېستوران جايلاشقان 3 قەۋەتلىك بىنا ئېغىر درىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان.

قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن 100 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن.

ۋەقەنى تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر