ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى 21 - ئۆكتەبىردە باشلىنىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۇچرىشىدۇ...

1722426
ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى 21 - ئۆكتەبىردە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى باش ئورگىنىدا ئۇچرىشىپ، ئافغانىستان، رۇسىيە، خىتاي ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

تۈركىيەگە ۋاكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئىشتىراك قىلىدىغان ئىككى كۈنلۈك ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى 21-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن باشلىنىدۇ.

بۇ يىغىن 6-ئايدىكى ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنى ۋە ئىتتىپاق بۇ يىل يازدا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى بولۇشى نۇقتىسىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

يىغىننىڭ ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا، ناتو رايوندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار، ئافغانىستاندا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلار ئىشلار، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ناتونىڭ رۇسىيەنىڭ ناتودىكى ۋاكالەتخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سەككىز خادىمنىڭ ئېتىراپنامىسىنى بىكار قىلىشى، ئارقىدىن رۇسىيەنىڭ ناتونىڭ موسكۋادىكى پائالىيەتلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلىشىدىن كېيىن پەيدا بولغان ۋەزىيەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

ناتو يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ۋە 6-ئايدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ باياناتىدىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان «خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى» تېمىسى ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە بولىدۇ.

يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە مىنىستىرلارغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭمۇ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر