ئامېرىكا رۇسىيەدە چاقىرىلىدىغان ئافغانىستان يىغىنىغا ئىشتىراك قىلمايدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەنىڭ ئەتە ئاچىدىغان ئافغانىستان تېمىلىق يىغىنىغا قاتناشمايدۇ.

1721869
ئامېرىكا رۇسىيەدە چاقىرىلىدىغان ئافغانىستان يىغىنىغا ئىشتىراك قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 20 – ئۆكتەبىر رۇسىيەدە چاقىرىلىدىغان ئافغانىستان تېمىلىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ: «كەلگۈسىدە بۇ يىغىنغا قاتنىشىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمىز، بىراق بۇ ھەپتىدىكى ئەھۋالىمىز يىغىنغا قاتنىشىشقا يار بەرمەيدۇ» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكانىڭ يىغىنغا ئىشتىراك قىلالماسلىقىدا بەزى «ئارقا سەپ» مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيە رەھبەرلىكىدىكى يىغىننىڭ «بەرپاچى» بولۇشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

خىتاي بىلەن پاكىستانمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان يىغىنغا تالىباننىڭمۇ بىر ۋەكىللەر ئۈمىكى ئەۋەتىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر