ئېكۋادوردا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋادوردا يېقىندىن بۇيان ئەۋج ئالغان جىنايەت نىسبىتى سەۋەبىدىن مەملىكەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت  ئېلان قىلىندى.

1721601
ئېكۋادوردا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋادور پىرېزىدېنتى گىلېرمو لاسسو جىنايى ئىشلار ئىستاتىستىكىسىدا ئېغىر دەرىجىدە ئۆرلەش بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 60 كۈنلۈك جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئېكۋادور پىرېزىدېنتى گىلېرمو لاسسو ئالاقىدار قارارنامىغا ئىمزا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ سەلەبىي ۋەزىيەتنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش، تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشاش ۋە ئاممىۋى تەرتىپنى قايتىدىن ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قارارنامىغا ئاساسەن جىنايەت نىسبىتى يۇقىرى بولغان دېڭىز بويىدىكى گۇاياكىلدا ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرىدا كەڭ كۆلەملىك تەدبىرلەر يولغا قويىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر