گۇتېررېس ئېفىيوپىيەگە توسالغۇسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش چاقرىقى ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ بۇ دۆلەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىغا قارىتا ياردەملەرنىڭ «توسالغۇسىز يەتكۈزۈلىشىگە» ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

1716234
گۇتېررېس ئېفىيوپىيەگە توسالغۇسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش چاقرىقى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېررېس ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئېفىيوپىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ۋەزىيىتى ۋە ب د ت نىڭ 7 خىزمەتچىسىنىڭ دۆلەتتىن قوغلانغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. تىگراي، ئامخارا ۋە ئافار رايونىدا 7 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ يېمەكلىك ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۇتېررېس ئېفىيوپىيەنىڭ شىمالىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى تىگرايدا 400 مىڭ كىشىنىڭ ئاچارچىلىق شارائىتىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈش مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يېقىلغۇ ۋە دورا قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بويۇملىرى ئەۋەتىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالغان گۇتېررېس، ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتىگە دۆلەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىغا قارىتا ياردەملەرنىڭ توسالغۇسىز يەتكۈزۈلىشىگە يول قويۇش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

گۇتېررېس ئېفىيوپىيەدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى، ئاياللار ۋە بالىلارغا قارىتىلغان جىنسى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

گۇتېررېس ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ياختۇرۇلمايدىغان كىشى» ئېلان قىلىپ، دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان ب د ت نىڭ 7 خىزمەتچىسىگە قايتىپ بېرىش رۇخسىتى بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر