ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇدا ئالتە سائەت داۋاملاشقان مۇلازىمەت مەسىلىسى ھەل بولدى

فېيسبۇك، ئىنستاگرام ۋە ۋاتسئاپ قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇلازىمېتىرلىرىنىڭ تۈنۈگۈن ئۇدا ئالتە سائەت داۋاملاشقان دۇنيا مىقياسىدىكى مۇلازىمەت توختاپ كېتىش مەسىلىسى ھەل بولدى.

1714700
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇدا ئالتە سائەت داۋاملاشقان مۇلازىمەت مەسىلىسى ھەل بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زىيارەت توسىقىنىڭ سەپلىمە خاتالىقىدىن كېلىپ چىققانلىقى ۋە قوللانغۇچىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقى ئېلان قىلىندى.

فېيسبۇك ئۇل ئەسلىھە دېرىكتورى سانتوش جاناردان شىركەتنىڭ تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «سۇپىلىرىمىزدىكى مۇلازىمەت توختاپ كېتىش ئەھۋالى ئۈچۈن ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىزگە ئىشەنگەن شەخس ۋە شىركەتلەردىن كەچۈرۈم سورايمىز» دېدى.

شىركەت ئابۇنىتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر