ئافغانىستاندا پاسپورت بېجىرىش قايتىدىن باشلاندى
ئافغانىستان تالىباننىڭ قولىغا ئۆتۈپ ھاكىمىيەت ئالماشقاندىن كېيىن توختىتىپ قويۇلغان پاسپورت بېجىرىش خىزمەتلىرى بۈگۈن قايتىدىن باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل پاسپورت بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ باشلىق ۋەكىلى ئالىم گۇل ھەققانى بۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پاسپورت بېجىرىش خىزمەتلىرىنىڭ يېڭىدىن باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ: «كابۇل ۋە باشقا ۋىلايەتلەردە پاسپورت بېجىرىش خىزمەتلىرى باشلاندى» دېدى.
ئۇ، 25 مىڭ پاسپورتنىڭ تارقىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى ۋە پاسپورت بېجىرىش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق كابۇل پاسپورت باشقارمىسىدا ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەتبۇئات ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى سەييىد خوستى پاسپورت تارقىتىش جەريانى توغرىسىدا توختىلىپ: «پاسپورتلارنىڭ ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تامغۇسى بىلەن تارقىتىلىشىغا قارار قىلىندى» دېدى.
پاسپورت تارقىتىش تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاكىمىيەت ئالماشقاندىن بۇيان جەمئىي 170 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم پاسپورت ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان.
ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت ئالماشقاندىن كېيىن پاسپورت بېرىش خىزمەتلىرى توختاپ كەتكەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئوخايودا قوراللىق ۋەقە يۈز بەردى
ئامېرىكانىڭ ئوخايو ئىشتاتىدا بىر تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە، قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.