كابۇلدا تالىبان بىلەن دائېش ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تالىبان كۈچلىرى بىلەن تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

1714255
كابۇلدا تالىبان بىلەن دائېش ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىباننىڭ باياناتچىسى ۋە تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ «مۇئاۋىن مەدەنىيەت مىنىستىرى» زابىھۇللا مۇجاھىد كابۇلنىڭ 17 - ساقچى رايونىدا تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

زابىھۇللا مۇجاھىد ھەرىكەتتە تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە پاناھجاينىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى تىلغا ئېلىپ، پاناھجايدىكى دائېش ئەزالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

شاھىتلار بولسا، تۈنۈگۈن كەچتە كابۇلنىڭ خەيرخانە رايونىدا دائېش ئەزالىرى بىلەن تالىبان كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا پارتىلاش ئاۋازلىرىنى ئاڭلانغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر