سەمىھ شۇكرى: تۈركىيە - مىسىر مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرى تۈركىيە بىلەن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1713671
سەمىھ شۇكرى: تۈركىيە - مىسىر مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ MBC قانىلىدىكى سۆھبەت پىروگراممىسىغا تېلېفون ئارقىلىق قاتناشقان شۇكرى، تۈركىيە ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان ئىلگىرىلەشلەر بار» دېدى.

ئۇ، تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئىزدىنىش سۆھبىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن 8 - سېنتەبىر بىلۇمبېرگ قانىلىغا بايانات بەرگەن شۇكرى، دۆلىتىنىڭ «تۈركىيە بىلەن نورمال مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ فورمۇلاسىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى» ئېيتقانىدى.

تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر 2013 – يىلىدىن بۇيان ئۆزئارا دىپلوماتىك ۋەكىل تۇرغۇزۇش دەرىجىسىدە داۋاملاشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە.

بۇ مۇساپىدە ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قىسقا ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلدى. مسىىرنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ۋە تۈركىيەنىڭ قاھىرەدىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئىسكەندەرىييەدىكى كونسۇلخانىسى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر