شىمالىي كورېيە يېڭى بومبىسىنى سىناق قىلدى

شىمالىي كورېيە يېڭى ياسىغان ئايروپىلانغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1713392
شىمالىي كورېيە يېڭى بومبىسىنى سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ شىمالىي كورېيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيە مۇداپىئە پەنلىرى ئاكادېمىيەسى يېڭى ياسالغان بىر ئايروپىلانغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سىناق قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

شىمالىي كورېيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى، مۇداپىئە پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ «قوش ئىتتىرىش كۈچىگە ئىگە ئۇچۇش ماتورى» سەپلەنگەن يېڭى تېخنولوگىيەلەرنى تونۇتۇش ئارقىلىق بىر بومبا كونترول سىستېمىسى بىلەن تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە توغرا ئىلگىرىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ «كۆرۈنەرلىك» جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى دەلىللىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىمالىي كورېيە بۇنىڭ بىلەن يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە تۆتىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان بولدى.

شىمالىي كورېيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى، «Hwasong-8» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 28- سېنتەبىر مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر