ستولتېنبېرگ فاتىھ بىرول بىلەن كۆرۈشتى

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگيەسى ئورگىنى باشلىقى فاتىھ بىرول بىلەن كۆرۈشتى.

1712013
ستولتېنبېرگ فاتىھ بىرول بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو بايانات ئېلان قىلىپ، باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن فاتىھ بىرولنىڭ بېلگيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو قارارگاھىدا كۆرۈشۈپ كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە ناتو بىلەن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگيەسى ئورگىنى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ناتونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنى ئىتتىپاقنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگەنلىكى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگيەسى ئورگىنىنىڭمۇ كاربون قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى نىشان قىلغان ئېنېرگىيە سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى.

باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگنىڭ ئىككى ئورگان ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەمكارلىقتىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، دۇنيا مىقياسىدا پاكىر ئېنېرگىيەگە ئۆتۈشنىڭ قويۇق مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر