فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

فىرانسىيە ئۇزۇندىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كېڭەيتىلىشى پىكرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1711521
فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاگنېس ۋون دېر مۇھل مۇخبىرنىڭ «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ب د ت نىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنى بۇلۇڭغا قىستاش مەقسەتلىك بىر يول خەرىتىسىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى. فىرانسىيە بۇ ھەقتە نېمىلەرنى ئويلايدۇ؟» دېگەن سوئالىغا يازما جاۋاب بەردى.

«فىرانسىيە ئۇزۇندىن بۇيان ب د ت نىڭ كېڭەيتىلىشىنى قوللاپ كەلدى. فىرانسىيە ب د ت نىڭ ھەم دائىمىي ھەمدە ۋاقىتلىق بولۇپ ھەر ئىككى كاتېگورىيەسىدە كېڭەيتىلىشىنى قوللايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن مۇھل، بۇ دائىرىدە دۆلىتىنىڭ گېرمانىيە، بىرازىلىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك  كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىقى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دائىمىي ۋە ۋاقىتلىق ئەزالار ئىچىدىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 23 – سېنتەبىردە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيىدە قىلغان سۆزىدە، «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىن» ناملىق كىتابىدا ب د ت نىڭ، بولۇپمۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەتراپلىق ئىسلاھاتقا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەنىدى.

ئەردوغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىق پۇرسىتىگە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغىنىمىزدا، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە ھوقۇق بېرىلگەن بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، بۇنداق دۇنيا ياشاشقا بولىدىغان بىر دۇنيا ئەمەس» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر