ستولتېنبېرگ ب د ت باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1709407
ستولتېنبېرگ ب د ت باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ستولتېنبېرگنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرى دائىرىسىدە ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر، كىلىمات ئۆزگىرىشى، خەلقئارالىق تىنچلىق  ۋە بىخەتەرلىك، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تالىبانلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىخەتەر ئىشقا ئاشۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە تېررورىزمغا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ستولتېنبېرگ، خەتەر ئاستىدىكى ئافغانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسىلىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ھەققىدە گۇتېرېشقا مەلۇمات بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر